پۇتىن موسكۋادا بارزانى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكۋادا ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشتى.

968201
پۇتىن موسكۋادا بارزانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، بارزانىنىڭ پۇتىننىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن 9- مايدا موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن زەپەر بايرىمى ئۈچۈن پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھەربىيلەرنىڭ پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىدىن كېيىن پۇتىن بىلەن بارزانىنىڭ ئايرىم كۆرۈشكەنلىكىنى، تەرەپلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھازىرقى ۋە كېلەچىكى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، پۇتىننىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئاھالىسىنى ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

نەچىرۋان بارزانىنىڭ بولسا، ئۆزىگە رەسمىي تەكلىپنامە ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە موسكۋادا مېھمان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن پۇتىنغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ھەر تۈرلۈك ئېنېرگىيە ۋە سېلىنما پىلانلىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر