ماكرون بىلەن ھەسەن رۇھانى يادرو كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە پۈتۈشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 2015-يىلى ئامېرىكا، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە، خىتاي ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

967939
ماكرون بىلەن ھەسەن رۇھانى يادرو كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  فىرانسىيە ئېلسى سارىيى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ماكرون بىلەن ھەسەن رۇھانىنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چېكىنىش قارارى چىقارغان يادرو كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ رۇھانىغا، فىرانسىيەنىڭ يادرو كېلىشىمىنى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە تېھراندىنمۇ بۇ يۆنۈلۈشتە ھەرىكەت قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ماكرون تېلېفون سۆھبىتىدە 2015-يىلى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئاساس قىلغان ھالدا كېلىشىمگە ئىمزا قويغان تەرەپلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كەڭ دائىرەلىك ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش نىشانىنى خاتىرىلەتكەن.

ئىككى رەھبەر 2025-يىلدىن كېيىن ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كىرىزىسلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەتلەر رامكىسىغا ئېرىشىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

سۆھبەتتە يەنە، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن كۆرۈشۈشى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 8-ماي ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكابنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىرانغا يېڭىدىن قاتتىق ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى يادرو كېلىشىمىنى باشقا بەش دۆلەتنىڭ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر