ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

966882
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو شىمالىي كورېيە تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان 3 ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيەگە زىيارەتكە ماڭغان پومپيېو ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

پومپېيو مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەنىڭ تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتىگە 17 ئايدىن بېرى دەپ كېلىۋاتىمىز، بۈگۈن يەنە تىلغا ئالىمىز، پۇقرالىرىمىز قويۇپ بېرىلسە قالتىس ئىش بولغان بولىدۇ.»

بىر مۇخبىرنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا  «ئامېرىكا پۇقرالىرى قويۇپ بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ئىككى رەھبەر يەنە كۆرۈشەمدۇ؟»دېگەن سوئالىغا پومپېيو مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن بۇنداق بولۇپ كېتەر، دەپ ئويلايمەن»

پومپېيو شىمالىي كورېيەدە كىملەر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، پەقەت ئالىي رەھبەرلەر بىلەنلا كۆرۈشىدىغانلىقىنى دېدى.

پومپييونىڭ ئاپرېلدا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)نىڭ باشلىقى ۋاقتىدا شىمالىي كورېيەنى مەخپىي زىيارەت قىلىپ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى.

ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە كۆرۈشىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن پات يېقىندا كۆرۈشىدىغانلىقلىرى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر