خۇسىيلار يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا 3 بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد ۋە جازان ۋىلايەتلىرىگە خۇسىيلار ئاتقان 3 بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى.

967552
خۇسىيلار يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا 3 بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەل ئەخبارىيە تېلېۋزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پايتەخت رىيادنىڭ ئاسمىنىدا ئىككى ۋە جازاندا بىر بولۇپ، جەمئىي ئۈچ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خۇسىيلارغا تەۋە ئەل مەسىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە بولسا، خۇسىيلار رىيادتىكى بىر قۇرۇغلۇق پورتى بىلەن سودا نىشانلىرىغا «ۋولقان 2» ناملىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى قويۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە جازاي ۋىلايىتىدىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بازىسىغىمۇ بىر بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقى، ھۇجۇمدا «بەدىر 1» ناملىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىان بومبا ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر