گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە يادرو كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو ماس ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژون ئىف لې جيان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش تەھدىتىگە قارىماي كېلىشىمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

966068
گېرمانىيە بىلەن فىرانسىيە يادرو كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو ماس ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې جيان گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ھايكو ماس ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىلگەن تەقدىردە "بۇ كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكنىڭ چوڭىيىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى، 2013-يىلدىن بۇرۇنغا قايتىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇنىڭ ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى" نى ئىلگىرى سۈردى.

ھايكو ماس ئىران بىلەن 2015-يىلدا تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنىڭ دۇنيانى تېخىمۇ بىخەتەر ھالغا ئىگە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "كېلىشىمنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا قويغان چەكلىمىسى ۋە كونترول مېخانىزملىرىغا مۇۋاپىق باشقا تاللاشنى كۆرمىدۇق" دېدى.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې جيان ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى قوغداشتا قەتئىي قارار ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ مەزكۇر كېلىشىمگە، "ئىراننىڭ يادرو بومبا تەرەققىي قىلدۇرماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ توغرا يولى" دەپ باھا بەردى ۋە: "بۇ كېلىشىمنى ئامېرىكانىڭ قارارىدىن مۇستەقىل ھالدا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك" دېدى.

2015-يىلى ئىيۇلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دائىمىي دۆلەت ھەمدە گېرمانىيە، ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمى ئىمزالىغان ۋە بۇ JCPOA دەپمۇ ئاتالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر