ماكرون ئىران ھەققىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون: «ئاپەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن» دېدى.

965828
ماكرون ئىران ھەققىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن 2015يىلىدا ئىمزالىغان يادرو كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئۇرۇشقا يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ماكرون گېرمانىيەنىڭ «Der Spiegel» ژۇرنىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «P5+1» دۆلەتلىرى (يەنى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، خىتاي، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە) بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن ۋاز كېچىش پىلانلىرى ئۈستىدە توختالدى.

ماكرون «ئاپەتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، ئۇرۇش چىقىشى مۇمكىن» دېدى.

ماكرون ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ بىرەر توقۇنۇشقا تۈرككە بۇلۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ يادرو كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىدىغان ياكى داۋاملاشمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قارارىنى 12مايدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر