ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى لازىر نۇرلۇق قوراللارنى ئىشلىتىشكە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى، ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىكى زەمبىرەك ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرنىڭ ئورنىغا خېلىئوس ناملىق لازىر نۇرلۇق قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

964905
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى لازىر نۇرلۇق قوراللارنى ئىشلىتىشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Daily Star» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان Phalanx MK-15 ناملىق ئايروپىلان ئاتا سىستېمىلىرىنىڭ ئورنىغا خېلىئوس ناملىق لازىر نۇرلۇق قورال ئىشلىتىلىدىكەن.

خەۋەردە، ئامېرىكىلىق بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ «زامانىمىزدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، كىچىك پاراخوتلار ۋە بىر قىسىم يېقىن مۇساپىدە كۈچلۈك  تەسىر يارىتىدىغان قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، كېرەكلىك كۈچ ۋە لازىر نورى قورۇلمىسىغا ئىگە قوراللارنى ئىشلىتىش پىلانلانماقتا» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

خەۋەردە، خېلىئوس سايىسىدا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قورال زاپاسلاشقا ئېھتىياجى چۈشمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ خىل يېڭىلىقلارغا تېخى تەييار ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئىستراتېگىيە ۋە خامچوت مۇھاكىمىسى مەركىزى (CSBA) مۇتەخەسسىسلىرىدىن مارك گۇنزىنگېر، لازىر نۇرلۇق قوراللارغا ماس توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىلىرىنىڭ تېخى روياپقا چىقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر