ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەدىكى ئەسكەر سانىنى ئازايتماقچى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي كورېيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشنى خالايدۇ.

963849
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەدىكى ئەسكەر سانىنى ئازايتماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: "نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى" دا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا جەنۇبىي كورېيەدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان 28 مىڭ 500 ئەسكەرنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن تەدبىر تۈزۈش يوليورۇقىنى چۈشۈرگەن.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشى پىلان قىلىنىۋاتقاندا بېسىلغان بۇ قەدەم، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ تەلىپى ئەمەس.

مەسئۇل دائىرىلەر، ئامېرىكانىڭ ئەسكەر سانىنى ئازايتىشنى سودىلىشىش ئۈچۈن قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، ئاقساراي دائىرىلىرىنىڭ "ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى چېكىندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى" ھەققىدىكى باياناتقا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق كۆك ساراينىڭ باياناتچىسى: "جەنۇبىي كورېيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. تىنچلىق شەرتنامىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق' دەپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن 27-ئاپرېل ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى پانمۇنجوم بىتەرەپ رايونىدا كۆرۈشكەن بولۇپ، كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو سىزلاشتۇرۇش ۋە ھازىرقى ئۇرۇش توختىتىشنى  ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر