شىمالىي كورېيە ئامېرىكىلىق ئۈچ مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئادۋوكاتى رادى گىئۇلىئانى شىمالىي كورېيەدىن ئامېرىكىلىق ئۈچ مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

963873
شىمالىي كورېيە ئامېرىكىلىق ئۈچ مەھبۇسنى قويۇپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گىئۇلىئانى ئامېرىكىنىڭ ««‹ Fox News › تېلېۋىزىيە قانىلى» دا بەرگەن باياناتىدا، «شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا ئامېرىكىلىق 3 مەھبۇسقا قويۇپ بەرگۈدەك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتۇق» دېدى.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان گىئۇلىئانى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىنقى ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىنمۇ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ بۈگۈن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قويۇپ بېرىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى كىم ھاكسوڭ، كىم ساڭدۇك ۋە كىم دوڭچۇل قاتارلىقلار بولۇپ، كىم دوڭچۇل 2015 – يىلى، قالغان ئىككى مەھبۇس بولسا ئالدىنقى يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە قاماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «ھەممىگە مەلۇمكى، ئالدىنقى ھۆكۈمەت شىمالىي كورېيەدىن ئۈچ مەھبۇسنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى، لېكىن،  نىشانىغا يېتەلمىگەنىدى، سىلەر بىزنى داۋاملىق كۆزىتىڭلار.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە دونالد ترامپنىڭ بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر