ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا پومپېئونىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش قەسىمىنى ئورۇندىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس، پومپېئو ئائىلىسى ۋە مىنىستىرلىق خىزمەتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى. ترامپ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، مايك پومپېئونىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA دا مۇھىم ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، ناھايىتى ئۇتۇقلۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە يېڭى خىزمىتىدىمۇ مۇھىم ئىشلارنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىنى ئىپتىخارلاندۇرىدىغانلىقىدىن قەتئىي گۇمانلانمايمەن» دېدى ۋە پومپېئو رەھبەرلىكىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ پائال دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئارقىدىن مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس مۇنبەرگە چىقىپ، مايك پومپېئونىڭ جامائەت ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا يېتەكچىلىك قىلدى. قەسەم بەرگەندىن كېيىن قىسقىغىنە سۆز قىلغان پومپېئو، ئۆزىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ترامپغا رەھمەت ئېيتتى ۋە قاتتىق ئىشلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار يېڭى قاراشلاردىن تارتىپ شىمالىي كورېيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىك مۇساپىگىچە بولغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئۇتۇقلۇق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن پومپېئو، تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىدە بۇرۇنقى سىياسەتچىلەر سادىر قىلغان خاتالىقلارنى تەكرارلىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇدۇسقا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پومپېئو، سۈرىيە ۋە ئىراقتا دائېش ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
مايك پومپېئو، 26 – ئاپرېلدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا ماقۇللۇققا ئېرىشكەن، ئارقىدىن رەسمىي قەسەم قىلىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 70 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، بىراق ئۇ كۈنى قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىگەنىدى.