شىمالىي كورېيە چېگرادىكى تەشۋىقات ياڭراتقۇلىرىنى ئېلىۋېتىشكە باشلىدى

شىمالىي كورېيە، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزگەن ئىككى تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، چېگرادىكى تەشۋىقات ياڭراتقۇلىرىنى ئېلىپ تاشلاشقا باشلىدى.

962653
شىمالىي كورېيە چېگرادىكى تەشۋىقات ياڭراتقۇلىرىنى ئېلىۋېتىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەلىك بىر ھەربىي ئەمەلدار بايانات بېرىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەن چېگرادىكى ياڭراتقۇلارنى ئېلىپ تاشلاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەنۇبىي كورېيە چېگرادىكى تەشۋىقات ياڭراتقۇلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىپ تاشلىغانىدى. ئىككى تەرەپ ئۆتكەن ھەپتىدىكى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تەشۋىقات تارقىتىشلىرىنى توختاتقانىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېئىن ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇن 27 – ئاپرېلدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشكەنىدى. ئىككى رەھبەر يىغىندىن كېيىن قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى يولىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۇجۇم قىلماسلىق ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلىدىغانلىقلىرىنى، بىر – بىرلىرىگە قارشى كۈچ ئىشلەتمەيدىغانلىقلىرىنى، ئۆزئارا قورالسىزلىنىش ئارقىلىق ھەربىي سۈركىلىشلەرگە خاتىمە بېرىپ، تىنچلىق ئورنىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئورتاق باياناتىدا، «جەنۇب ۋە شىمال، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي خالىيلاشتۇرۇلۇش نىشانىنى ئۆزئارا تەكىتلىمەكتە» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى يۇن يوڭچان 29 – ئاپرېلدا بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت مۇن جائېئىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننىڭ 27 – ئاپرېلدىكى ئۇچرىشىشتا، شىمالىي كورېيەنىڭ پۇڭگيېرى يادرو مەركىزىنىڭ ماي ئېيىدا تاقىۋېتىلىشى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى ۋە پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ يادرو قورالى مەركىزىلىرىنى تاقىۋېتىش جەريانىدا دۆلەتكە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسسىسلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر