جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە قاراتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە چېگراسىدىكى تەشۋىقات كانايلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

961139
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەگە قاراتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي كورېيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن تۇنجى بولۇپ چېگرادىكى بارلىق تەشۋىقات كانايلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ، جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدىكى ئەسكەرلەردىن خالىي رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كانايلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى (ئەتە)ئېلىۋېتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

جەنۇبىي كورېيە 23-ئاپرېلدا شىمالىي كورېيە چېگراسىدىكى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى توختاتقانىدى.  

جەنۇبىي كورېيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي سۈركىلىشلەرنى پەسەيتىش ۋە تىنچلىقنى مەقسەت قىلغان مۇزاكىرىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت يارىتىش مەقسىتىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر