«كورېيە يېرىم ئارىلى قاچان يادرو قوراللىرىدىن تازىلانسا شۇ ۋاقتىدا ئېمبارگولار توختايدۇ»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

960571
«كورېيە يېرىم ئارىلى قاچان يادرو قوراللىرىدىن تازىلانسا شۇ ۋاقتىدا ئېمبارگولار توختايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كورېيە يېرىم ئارىلى يادرو قوراللىرىدىن قاچان تازىلىنىپ بولسا شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ شۇ ۋاقتىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن  تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ترامپ بىلەن مون كۆرۈشۈشتە پىرېزىدېنت موننىڭ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جونئۇن بىلەن 27-ئاپرېلدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان.   

ئىككى رەھبەر يەنە شىمالىي كورېيەگە ئامېرىكا باشچىلىقىدا يولغا قويۇلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنى ھازىرقىدەك ھالەتكە ئېلىپ كېلىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكتىلەشكەن.

كۆرۈشۈشتە كورېيە يېرىم ئارىلى يادرو قوراللىرىدىن تولۇق تازىلانغان تەقدىردە رايوندا تىنچلىق، ئامانلىق ۋە باشاتچىلىقنىڭ بەرپا بولىدىغانلىقىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.  

ترامپ  ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ بارلىق يادرو ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پروگراممىلىرىغا خاتىمە بېرىشى لازىملىقىنى ئېيتقان.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جونئۇن بىلەن ئالدىمىزدىكى 3،4 ھەپتە ئىچىدە كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ترامپ مىچىگان رايونىدا ئۆتكۈزلگەن يىغىلىشتا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدىكى 3، 4ھەپتە ئىچىدە پىرېزىدېنت كىم جونئۇن بىلەن كۆرۈشىشىمىز مۇمكىن.»

بۇنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئۇچرىشىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، ئۇچرىشىشتا كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر