ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كىم جوڭئۇن بىلەن مون جائىننىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا ئىجابىي باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

959974
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كىم جوڭئۇن بىلەن مون جائىننىڭ ئۇچرىشىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ ئۇچرىشىشىنى «تارىخىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتىدى ھەمدە بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇزاكىرىلەرنىڭ پۈتكۈل كورېىيە يېرىم ئارىلى ئۈچۈن تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق بىلەن تولۇپ تاشقان بىر كېلەچەك يولىدا ئىلگىرىلىشىگە ئۈمىد بىلەن قارايمىز.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىن ئىككى دۆلەت چېگراسىغا جايلاشقان «پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسى» دا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر