خىتايدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، يەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

960062
خىتايدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنشى ئۆلكىسىدە بىر كىشى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىپ، يەتتە ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈردى.

مەسئۇل دائىرىلەر، ھۇجۇمدا 19 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى. بىراق، ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر