ئەرمېنىيەدە باش مىنىستىرنىڭ ئىستېپاسى ۋەزىيەتنى پەسەيتەلمىدى

ئەرمېنىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى سېرج ساركىسيان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزاسى نىكول پاشىنياننىڭ باشچىلىقىدا قايتا توپلانغان ئۆكتىچىلەر، نامايىشلىرىنى كۈنبويى داۋاملاشتۇردى.

959022
ئەرمېنىيەدە باش مىنىستىرنىڭ ئىستېپاسى ۋەزىيەتنى پەسەيتەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيەدە ھۆكۈمەت بىناسى جايلاشقان جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا كەچكىچە يىغىلىشلار داۋام قىلدى. يىغىلىشلارغا، مىڭلارچە كىشى قاتناشتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشى توغرىسىدا شوئارلار توۋلانغان يىغىلىشتا سۆز قىلغان پارلامېنت ئەزاسى پاشىنيان، ئۆكتىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرمېنىيەدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋاقىتلىق باش مىنىستىر كارېن كاراپېتياننىڭ خەۋپسىزلىك تارماقلىرىدىن «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، كاراپېتيان مۇنداق قارارنامەنى ئىمزالىغان تەقدىردىمۇ ئىجرا قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ۋاقىتلىق باش مىنىستىرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، باش مىنىستىر ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئىستېپا بەرگەن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ: «بىزنىڭ بىرلا تەلىپىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ، ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى شەرتسىز تاپشۇرۇپ بېرىشىدۇر» دېدى.

ئۇ نامايىشلارنىڭ بۈگۈن (26-ئاپرېل) مۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرى ئورۇندالغىچە نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر