پۇتىن ساركىسيان بىلەن تېلېفون كۆرۈشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى ئارمەن ساركىسيان تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئەرمېنىيەدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى – كرېمىل بايانات بېرىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەرمېنىيەدە يۈز بەرگەن كىرىزىس توغرىسىدا پىكىرى ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
تېلېفون سۆھبىتدە، كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەرمېنىيەدىكى بارلىق سىياسىي قاتلاملارنىڭ كۈچ چىقىرىشى، غەيرەت قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان پۇتىن بىلەن ساركىسياننىڭ، بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تولۇق رىئايە قىلغان ئاساستا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئەرمېنىيە ئۆكتىچىلىرى، 13 – ئاپرېلدا سېرج ساركىسياننىڭ پىرېزىدېنتلىققا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى بىلەن، لىبېرال سىياسىي كۈچلەر تەشكىل قىلغان ئېلك (چىقىش) ئىتتىپاقى ئەزاسى، پارلامېنت ئەزاسى نىكول پاشىنياننىڭ باشلامچىلىقىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانىدى.
باش مىنىستىر سېرج ساركىسيان نارازىلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
رۇسىيەدە بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
رۇسىيەنىڭ ستاۋروپول رايونىدا بومباردىمانچى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى.