ئىسىرائىلىيە سۈرىيە چېگراسىدىكى بىر جاينى بومباردىمان قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەدىن ئېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىگە چۈشكەن مىنامىيوتقا، ئوق بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

957750
ئىسىرائىلىيە سۈرىيە چېگراسىدىكى بىر جاينى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا سۈرىيە چېگراسىدىكى مىنامىيوت ئېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر جاينى بومباردىمان قىلغان توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، سۈرىيە زېمىنىدىن تۇيۇقسىز ئېتىلغان بىر مىنامىيوت ئوقىنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى بىخەتەرلىك سىملىرى بار يەرگە يېقىن بىر جايغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مىنامىيوت ئوقى ئېتىلغان جاينى ئوققا تۇتۇپ، جاۋاب قايتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنامىيوت ئېتىشقا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە پۇقرالارنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.»

بىراق، باياناتتا سۈرىيە چېگراسىدىكى مىنامىيوت ئېتىلغان ئۇ جاينىڭ قانداق قورال بىلەن ئوققا تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

9-ئاپرېل سۈرىيەنىڭ ھۇمۇس شەھىرىدىكى «T-4» ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئىككى ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، بومباردىماندا ئىراننىڭ ئىككى ئەسكىرى، بەش قوراللىق ئادىمى ئۆلگەن ئىدى. رۇسىيە بىلەن ئىران ھۇجۇم سەۋەبىدىن ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر