سۇدان ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

سۇدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە ھەر دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

957742
سۇدان ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان مۇداپىئە مىنىستىرى ئەۋۋاد بىن ئەۋف، ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتنى تايانچ قىلىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئورتاق مەنپەئەتلەرنى قوغداش ئاساسىدا خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىنى چۆرىدەپ ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز كېرەك. سۇدان ئىقتىسادىي ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە ھەردائىم تەيياردۇر» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ خارتۇمدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى پودپولكوۋنىك ئادام كوسدىشنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان ئەۋف، ئۇچرىشىشتا، ئامېرىكا بىلەن سۇدان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، سۇدان دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى باشلىتىشقا ۋە مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا، 2017 – يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا، 20 يىلدىن بۇيان سۇدانغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېمبارگونى 16 ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر