خىتايدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوت ئاپتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭيۇەن رايونىغا قاراشلىق يىڭدى شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى.

957315
خىتايدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوت ئاپتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلدى، 5 ئادەم يارىلاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭيۇەن رايونىغا قاراشلىق يىڭدى شەھىرىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبتا ئوت ئاپتى يۈز بەرگەن، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغان، ۋەقەدە يارىلانغانلار بولسا دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان.

ۋەقەدە ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەردىن چىققان دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئوت ئاپىتىنىڭ قەستەن چىقىرىلغان بولۇش ئېھتىمالى چوڭ ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر