ترامپ پۇتىننى ئاقسارايدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلدى.

955831
ترامپ پۇتىننى ئاقسارايدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ بىلەن ۋىلادىمىر پۇتىن تېلېفون سۆھبىتىدە ئۆزئارا مۆتىدىل قاراشلار ئوتۇرىغا قويۇلدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، سۆھبەت جەريانىدا ترامپنىڭ پۇتىننى بىر قانچە قېتىم ۋاشىنگتونغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، موسكۋانىڭ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ۋاشىنگتوننىڭ كونكېرت تەكلىپ سۇنۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئىككى رەھبەرنىڭ، دۆلەتلىرىنىڭ قوراللىق قارشىلىشىپ قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ، موسكۋانىڭ، سۈرىيەگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى رايوندىكى قىزىل سىزىقلىرى توغرىسىدا ۋاشىنگتونغا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدا مەزكۇر قىزىل سىزىقلاردىن ھالقىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ  كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 14 – ئاپرېلدىكى ھۇجۇمىنىڭ رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە S-300 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىش جەھەتتىكى ئىككىلىنىشلىرىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر