سەئۇدى ئەرەبىستاندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 4 كىشى قازا قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى نىشان قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 4 كىشى يارىلاندى.

955884
سەئۇدى ئەرەبىستاندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 4 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بىرىگادا گېنېرالى مەنسۇر ئەتتۇركىنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، نامەلۇم قوراللىقلار دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان «ئەلمەجارىدە» ۋە «بارىق» ۋىلايەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر كونتىرول نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا، ئەھمەد ئىبراھىم ئاسىرى، ئابدۇللاھ غازى ئەششەھرى ۋە سالىھ ئەلى ئۆمەرى قاتارلىقلار ھاياتىدىن ئايرىلغان.

 دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە زوراۋانلاردىن ئىككىسىنى قولغا ئالغان، زوراۋانلارنىڭ ئۈچىنچىسى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئوق چىقارغان. بۇ زوراۋان بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 كىشى يارىلانغان، زوراۋان بىر تەرەپ قىلىنغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىر تەرەپ قىلىنغان زوراۋاننىڭ ئىسمى سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى بەندەر مۇھەممەد ئەلى بولۇپ، قولغا ئېلىنغان 2 زوراۋاننىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر