لاۋروۋ: رۇسىيە ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا ساھىبخانىلىق قىلمايدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا ساھىبخانىلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

955743
لاۋروۋ: رۇسىيە ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا ساھىبخانىلىق قىلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى مايك پومپېيو ۋە ئەترىتىنىڭ، شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى بىلەن ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتقانلىقى جاكارلانغان، بۇ ئەسنادا ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ قەيەردە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ كېيىن بېكىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇچرىشىشنىڭ پىيوڭياڭدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىكرىدە چىڭ تۇرسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاقسارايدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتاتتى. ئەگەر بۇ ئىشقا ئاشمىغان تەقدىردە، ئۇچرىشىشنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتى رۇسىيەگە مەركەزلەشكەنىدى.

لېكىن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ دۆلىتىنىڭ ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشقا ساھىبخانىلىق قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە، ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ ھەربىي چارىدىن بىر قەدەم يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر