قاتار سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلدى

قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلۈپ دۈشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان «1 – نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى قالقىنى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى» غا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

954957
قاتار سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىي تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «(قاتار ئارمىيەسى) باش ئىشتاب باشلىقى غانىم بىن شاھىننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەنسەپدېشىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 1 – نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى قالقىنى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى يېپىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، بىر ئايغا يېقىن داۋاملاشقان مانېۋىرغا قاتار ئارمىيەسىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، مانېۋىرغا ئىشتىراك قىلغان دۆلەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنىدى.

قاتار ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى غانىم بىن شاھىننىڭ، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدا 5 – ئىيۇندا باشلانغان پارس قولتۇقى كىرىزىسىدىن بۇيانقى سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك تۇنجى قاتارلىق ئەمەلدار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

تۈركىيەمۇ ئىشتىراك قىلغان 1 – نۆۋەتلىك پارس قولتۇقى قالقىنى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەشىق باسقۇچى 21 – مارتتا باشلىغان بولۇپ، 1 – ئاپرېلدىن تارتىپ رەسمىي مانېۋىر باشلانغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئەششەرقىييە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر، 16 – ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين دائىرىلىرىنىڭ 2017 – يىلى 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇھاسىرىگە ئېلىشى بىلەن تەڭ پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس باش كۆتۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر