ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ پىيوڭياڭغا بېرىپ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

953643
ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مايك پومپىيونىڭ (Mike Pompeo) مۇشۇ ئاينىڭ تۇنجى يەكشەنبە كۈنىدە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پىيوڭياڭغا بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن بىرىنىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى پىيوڭياڭغا بېرىپ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەن شەخسنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىدى.

گېزىت، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ترامپ تەرىپىدىن يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مايك پومپېيونىڭ مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA)نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە پاسخاليا بايرىمىدا پىيوڭياڭغا بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەركىزىي  ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ئاقساراي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ئامېرىكىلىق ئىككى ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىنى ئاساس قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، پىيوڭياڭغا بېرىپ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكىلىق ئەمەلدارنىڭ دەل مايك پومپېيو ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2000-يىلى مادېلېيىن ئالبرايىت ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاقتىدا كىم جوڭئۇننىڭ دادىسى كىم جوڭئىل بىلەن كۆرۈشكەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇچرىشىشلار بولمىغانىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ  ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابې بىلەن فلورىدادىكى پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىدا قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى «تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەنىدى.  

بۇ يىل ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلىۋاتقان ئۇچرىشىشنىڭ قايسى يەردە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق قارار بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ترامپ يەنە «بىۋاستە ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك»ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقلىرىنىمۇ ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر