«1-ئورتاق پارس قولتۇقى قالقىنى» مانېۋىرى ئاخىرلاشتى

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 23 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلانغان «1-ئورتاق پارس قولتۇقى قالقىنى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئاخىرلاشتى.

953410
«1-ئورتاق پارس قولتۇقى قالقىنى» مانېۋىرى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا دۆلەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەششەرقىيە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىر، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ۋە 29-نۆۋەتلىك ئەرەب ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن كەلگەن رەھبەرلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا مۇراسىم بىلەن ئاخىرلاشتى.

مۇراسىمغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار ۋە تۈركىيەنىڭ پايتەخت رىيادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەردوغان كۆك قاتناشتى.

«1-ئورتاق پارس قولتۇقى قالقىنى» مانېۋىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە باسقۇچى 21-مارت باشلىنىپ، 1-ئاپرېل ئاخىرلاشقان ۋە رەسمىي مانېۋىر باشلانغان ئىدى.

ئورتاق پارس قولتۇقى قالقىنى مانېۋىرىنىڭ باياناتچىسى گېنېرال ئابدۇللاھ ھۈسەيىن ئەسسابى مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا مۇداپىئە ۋە بولۇپمۇ ئالاھىدە قىسىملارنىڭ راست ئوق-دورىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئابدۇللاھ ھۈسەيىن ئەسسابى زامانىۋى قوراللار ئىشلىتىلگەن مانېۋىردا، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «SPA» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، «رايوننىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىرى» دەپ باھا بېرىلگەن «1-ئورتاق پارس قولتۇقى قالقىنى» دا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى قوراللىرى ئارىسىدا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ بۇ نۇقتىدىن «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» بولغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر