ناتو ئەسەدكە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ناتو ئەزالىرى ئەسەد قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

951709
ناتو ئەسەدكە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ بىريۇسسېلدىكى مەركىزىدە چاقىرىلغان جىددىي يىغىندىن كېيىن ناتو ئەزالىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى باشتىن-ئاخىر تولۇق قوللىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.  

ناتو باش كاتىپى جېنس سىتولتېنبېرگمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى سۈرىيە ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.  

يىغىندىن كېيىن بايانات بەرگەن باش كاتىپ جېنس سىتولتېنبېرگ شەرقىي غۇتەگە خىمىيەۋى قوراللار بىلەن ھۇجۇم قوزغىغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.  

باش كاتىپ سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ناتونىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە بارلىق يوللارنى سىناپ كۆرگەنلىكلىرىنى، ئاقىۋەت ھەربىي ھەرىكەتتىن باشقا چارە قالمىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەسەدكە كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن سىرت، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق خىتابنامىدىمۇ ناتو ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە  فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئەسەدكە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى باشتىن-ئاخىر تولۇق قوللىغانلىقلىرى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر