دۇمادىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىلغان

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىن ئېلىنغان قان ۋە سۈيدۈك ئەۋرىشكىلىرىنىڭ تەھلىل نەتىجىسىدىن شەرقىي غۇتەدە خىمىيەلىك ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

950643
دۇمادىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا «MSNBC» تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، سۈرىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.

ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەرقىي غۇتە رايونىدىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنىڭ قۇربانلىرىدىن ئېلىنغان قان ۋە سۈيدۈك ئەۋرىشكىلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ھۇجۇمدا نېرۋىنى زەھەرلىگۈچى گاز بىلەن خلور گازىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق نەتىجىگە ئېرىشكەن.

بۇ قېتىم ئىشلىتىلگەن نىرۋىنى زەھەرلىگۈچى گاز بىلەن خلور گازى بۇرۇنقى خىمىيەلىك ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن خىمىيەلىك ماددىلارغا ماس كېلىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ قولىدىكى ئىسپاتلار بىلەن رايوندىن ۋە باشقا دۆلەتلەر قولغا چۈشۈرگەن ئىستىخباراتلار ئارقىلىق دۇمادىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمغا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى خۇلاسىسىنى چىقارغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، خىمىيەلىك ھۇجۇمغا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جاۋابكارلارنىڭ بۇنىڭغا بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس چارشەنبە (11-ئاپرېل) شەرقىي غۇتەدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوللاۋاتقان رۇسىيە بار، دەپ ئويلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى.

7-ئاپرېل (شەنبە) شەرقىي غۇتەنىڭ دۇما ناھىيەسىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر رايونىغا قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇمدا، 78 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر