پۇتىن دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «تەييار بول رۇسىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار كېلىۋاتىدۇ» دېگەن تىۋىتتېر ئۇچۇرىدىن كېيىن بايانات بەردى.

949581
پۇتىن دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ خەتەرلىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «تەييار بول رۇسىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار كېلىۋاتىدۇ» دېگەن تىۋىتتېر ئۇچۇرىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، «دۇنيا ۋەزىيىتى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا، بارغانچە خەتەرلىك ھالغا كەلمەكتە، سوغۇققانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋىلادىمىر پۇتىن، دۆلىتىگە تەيىنلەنگەن يېڭى باش ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلغاندا رۇسىيە دىپلوماتىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ، «دۇنيادىكى ۋەقەلەر ئەندىشە پەيدا قىلمىغۇدەك دەرىجىسىدە ئەمەس. دۇنيا ۋەزىيىتى بارغانچە خەتەرلىك ھالغا كەلمەكتە، شۇنداقتىمۇ سوغۇققانلىقنىڭ غالىپ كېلىشىنى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشكە يۈزلىنىشىنى، پۈتكۈل دۇنيا سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم ۋە تەخمىن قىلغىلى بولىدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر