خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا 3 كۈنلۈك مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

مانىۋېرنىڭ 3 كۈن داۋاملىشدىغانلىقى ۋە مانىۋېردا ھەقىقىي ئۇرۇش سىنارىيەلىرىنىڭ مەشىق قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

950265
خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا 3 كۈنلۈك مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئارىلىدىن باشلانغانچە، تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بەلگىلەنگەن رايوندىكى ئاممىۋىي پاراخوتلارنىڭ رايوندىن چىقىپ كېتىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بىراق مانىۋېرغا زادى قانچە پاراخوت قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

يىللىق مەشقىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ 3 كۈن داۋاملىشدىغانلىقى، مانىۋېردا ھەقىقىي ئۇرۇش سىنارىيەلىرىنىڭ مەشىق قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرى پات - پات دۇقۇرۇشۇپ تۇرىدىغان ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم دېڭىز يولى ئېغىزلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان بۇ رايوندا فىلىپپىن، ۋيېتنام، مالايسىيا، برۇنېي ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

خىتاي 1947يىلى ئېلان قىلىنغان 9 ئۈزۈك سىزىقلىق خەرىتىنى ئاساس قىلىپ، تالاش - تارتىشلىق رايوننىڭ تەخمىنەن %80 نىڭ ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ تالاش تارتىشلىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ياسىۋالغان سۇنئىي ئاراللارنى قورال بازىسىغا ئايلاندۇغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرمۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يېرىكچلىكلەرگە سەۋەب بولماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر