ترامپنىڭ بېشى يەنە دەرتكە كىردى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شەخسىي ئادۋوكاتى مىشېل كوھىننىڭ نىيۇ يوركتىكى ئىشخانىسىدا تىنىتىش ئېلىپ باردى.

948354
ترامپنىڭ بېشى يەنە دەرتكە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ خۇسۇسىي ئادۋوكاتى مىشېل كوھىننىڭ نىيۇ يوركتىكى ئىشخانىسىدا تىنىتىش ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى مۇسادىرە قىلدى.

تىنىتىشتا، FBI خادىملىرىنىڭ، ترامپنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ستورمى دانىيالىس ئىسىملىك بىر ئايالغا كوھىن ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن پۇل ھەققىدە يېزىشقان خەت-چەكلەرنىمۇ مۇسادىرە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

FBI خادىملىرىنىڭ تىنىتىشتىن بۇرۇن «رۇسىيە دېلوسى» غا مەسئۇل مەخسۇس تەيىنلەنگەن تەپتىش ئەمەلدارى روبېرت مۇللېردىن تەۋسىيە مەكتۇبى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، بىراق تىنىتىشنىڭ رۇسىيە دېلوسىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇسادىرە قىلىنغان خەت-چەكلەر ئىچىدە، ترامپ بىلەن كوھېن ئارىسىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭمۇ بارلىقى دىققەت قوزغىدى. كوھېننىڭ ئادۋوكاتى ستېفىن رىيان بۇ قېتىمقى تىنىتشقا «پۈتۈنلەي مۇۋاپىق بولمىغان كېرەكسىز تىنىتىش» دەپ باھا بەردى. ئۇ رۇسىيە دېلوسى دائىرەسىدە، كوھېننىڭ ھازىرغىچە مەخسۇس تەيىنلەنگەن مۇپەتتىش مۇللېرنىڭ ئىشخانىسىغا ماسلىشىپ كەلگەنلىكىنى ۋە نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

كوھېننىڭ نامى ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ئىچىدە، ترامپنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دانىيالىسقا پۇل ئەۋەتكەنلىكى بىلەن تونۇلغان ئىدى.

بۇ ھەقتە بۈگۈنگىچە ئېغىز ئاچمىغان ترامپ، ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى پۇل ئەۋەتىشتىن خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر