سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تېپىلغان 85 مىڭ يىللىق بارماق تارىخنى ئۆزگەرتەمدۇ - قانداق؟

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنسانىيەتنىڭ يەر شارىدىكى كۆچۈش تارىخىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ تاشلايدىغان ماھىيەتكە ئىگە تاشقا ئايلانغان بىر بارماق تېپىلدى.

948417
سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تېپىلغان 85 مىڭ يىللىق بارماق تارىخنى ئۆزگەرتەمدۇ - قانداق؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقا ئايلانغان بارماقنىڭ تەپسىلاتىنى ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «ئېكىئولوگىيە ۋە تەدرىجىي ئۆزگىرىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقاتچى، قىزىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەل ۋۇستا رايونىدا ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىلەر قوغدىلىپ قالغان بىر دەريا خارابىلىقىدىن تېپىلغان تاشقا ئايلانغان بۇ بارماقنىڭ تۇنجى ئىنسانغا ئائىت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ۋە تەخمىنەن 85 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئەگەر بۇ تەخمىن رەسمىي تەقدىردە، ئەرەب يېرىم ئارىلىدا 85 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان ئىنسانغا تەۋە تۇنجى يادىكارلىق بولۇپ قالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

گىرىففىت ئۇنىۋېرسىتېتى قەدىمىي جانلىقلار تەتقىقاتچىسى جۇلىيېن لويىس بۇ بايقاشنىڭ 85 مىڭ يىلدىن 90 مىڭ يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ئافرىقا ۋە شەرقىي ئاق دېڭىز رايونى سىرتىدا ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئىنسانلارنىڭ 60 مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ يەردىن كۆچكەنلىكىگە دائىر قاراشلارغا دوئېل ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ساياھەت ئىشلىرى ۋە دۆلەتلىك مەدىنىي مىراسلار كومىتېتىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەل ۋۇستا رايونىدا بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىشارەت قويۇلغان ھايۋان سۆڭەكلىرى ۋە تاشتىن ياسالغان بويۇملارنىڭمۇ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر