شىۋېيتسارىيەدە ساقچىلار تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇداخىلە قىلدى

شىۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزگەن تەرەردارلىرىغا ساقچىلار پىلاستىك ئوق ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى.

947086
شىۋېيتسارىيەدە ساقچىلار تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇداخىلە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى باھانە قىلىپ، ئۇدا بىرقانچە ئايدىن بۇيان شىۋېيتسارىيەدە رۇخسەتسىز نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/پ ك ك تەرەپدارلىرى بۇ قېتىم ساقچىلارنىڭ قاتتىق مۇداخىلىسىگە دۇچ كەلدى.

پايتەخت بېرن كوچىلىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن ي پ گ/پ ك ك تەرەپدارلىرىغا پىلاستىك ئوق ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغان بېرن ساقچىلىرى، 239 كىشىنى قولغا ئالدى.

شىۋېيتسارىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەخمىنەن 400 كىشىلىك ي پ گ/پ ك ك تەرەپدارلىرى بېرن پويىز ئىستانسىسىدىن پارلامېنت بىناسىغا قاراپ ماڭغان.

ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇشى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىغان تېررورچىلارنىڭ تەرەپدارلىرى، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بېرن شەھەر مەركىزىدە زوراۋانلىق قىلىشقا باشلىغان. قوللىرىغا ئېلىۋالغان ھەر خىل نەرسىلەر بىلەن پارلامېنت بىناسىغا زىيان يەتكۈزگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرىغا ساقچىلار پىلاستىك ئوق ئىشلىتىش  ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىپ تارقىتىۋەتكەن.

ي پ گ/پ ك ك نىڭ قوللىغۇچىلىرى شەھەردە قالايمىقانچىلىق تۇغرۇدۇپ، يۈز مىڭلارچە شىۋېيتسارىيە فرانكى زىيان سالغان. ساقچىلار 63 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 239 كىشىنى قولغا ئالغان.

ساقچىلار تارقىتىۋەتكەن نامايىشچىلار يېرىم كېچىدىمۇ پايتەختنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ داۋاملىق زوراۋانلىق قىلغان.

شىۋېيتسارىيە تاراتقۇلىرى ي پ گ/پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ شىۋېيتسارىيەدە تۇنجى قېتىم زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، فېۋرال ئېيىدىمۇ تۈركىيەنىڭ زۇرىخ باش كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان 20 – يانۋاردىن بۇيان شىۋېيتسارىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە رۇخسەتسىز نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ي پ گ/پ ك ك تەرەپدارلىرى تۇنجى قېتىم شىۋېيتسارىيە ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق مۇداخىلىسىگە دۇچ كەلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر