شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت كىم جونئۇننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

947371
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ئامېرىكا دائىرىلىرىگە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرىس خەۋەر ئاگېنتلىقى پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىلىق مەسئۇللارغا شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جونئۇن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كۆرۈشكەندە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن تازىلاش مەسىلىسىنى كېڭەش قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئاگېنتلىقنىڭ بىر ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە ئامېرىكىلىق مەسئۇللار بىلەن شىمالىي كورېيەلىك مەسئۇللارنىڭ يېقىندا مەخپىي كۆرۈشكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، كۆرۈشۈشتە پىيوڭياڭ ھاكىمىيىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئامېرىكىلىق مەسئۇللارغا بىۋاستە يەتكۈزگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر