پاكىستان بىلەن ئافغانىستان پۈتۈشتى

پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئورتاق ھەرىكەت پىلانى مەسىلىسىدە پۈتۈشتى.

947504
پاكىستان بىلەن ئافغانىستان پۈتۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر شاھىد ھاقان ئابباسى جۈمە كۈنى ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت 7 ماددىلىق ئافغانىستان – پاكىستان تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق ھەرىكەت پىلانى مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولۇپ، پاكىستان ئورتاق قارارغا ئاساسەن، ئافغانىستاندا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستانغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىدىكەن، ھەمدە ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ئۇنسۇرلارغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئافغانىستان بىلەن پاكىستان تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، ئورتاق قارارنى چىقىش نۇقتا قىلىپ ۋە ھەمكارلىق مىخانىزملىرىدىن پايدىلىنىپ، تەھدىتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرىدىكەن.

تەرەپلەر ماسلاشتۇرۇش ۋە مەسلىھەتچىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىدىكەن ھەمدە ئۇچۇر - ئالاقە ئورنىتىش ئەترىتى تەشكىل قىلىدىكەن،

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىككى دۆلەت بىر – بىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋا چېگرالىرىنى دەپسەندە قىلماسلىق ئۈچۈنمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر