ماكرون بىلەن ترامپ سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك ھۇجۇم تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ مەسئۇل كىشىلەرگە، شەنبە (7-ئاپرېل) كۈنى سۈرىيەنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىدا يۈز بەرگەن خىمىيەلىك ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى كۆپەيتىش يوليورۇقىنى چۈشۈردى.

947131
ماكرون بىلەن ترامپ سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك ھۇجۇم تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون بىلەن ترامپنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكى، ئىككى رەھبەرنىڭ 48 سائەت ئىچىدە يەنە كۆرۈشۈشنى قارار قىلغانلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەرگە ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۆپەيتىلىشى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيە ئېلىسى سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ماكرون بىلەن ترامپنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ماكروننىڭ «7-ئاپرېل شەرقىي غۇتەدە خەلققە قارشى قىلىنغان خىمىيەلىك ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكى» قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ماكرون بىلەن ترامپنىڭ قوللىرىدىكى خىمىيەلىك ھۇجۇمنى توغرىلىغان ئانالىز ۋە ئۇچۇرلاردىن ئۆزئارا ئورتاقلاشقانلىقى، تەكشۈرۈش خادىملىرىغا بۇندىن كېيىن ئۇچۇر ۋە ئانالىزلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى كۆپەيتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ماكرون بىلەن ترامپنىڭ بۈگۈن (9-ئاپرېل) توپلىنىدىغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە 2401-نومۇرلۇق قارارغا خىلاپلىق قىلىش ۋە قايتا-قايتا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىش قارارى ئالغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ 48 سائەت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، كەڭ دائىرەلىك ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر