دونالد ترامپ خىتاي مەسىلىسىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

946270
دونالد ترامپ خىتاي مەسىلىسىدە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «خىتاي چوڭ بىر ئىقتىسادىي كۈچ. شۇنداق تۇرۇغلۇق دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئۇنى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر» قاتارىدا قوبۇل قىلماقتا. بۇ ۋەجىدىنلا خىتاي، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا قارشى ئاجايىپ چوڭ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولىۋالدى. قېنى بىرەر كىشى بۇنى ئادىل دەپ قارىيالارمۇ؟ بىزگە ئىنتايىن ناچار ۋەكىللىك قىلىندى. دۇنيا سودا تەشكلاتى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئادىل ئەمەس» دېگەن قاراشلىرىنى ھەمبەھىرلەشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تامۆژنا بېجى قويغانلىقى سەۋەبىدىن دۇنيا سودا تەشكلاتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى.  

خىتاي ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەرھاللا قوشۇمچە تامۆژنا بېجى قويولغان خىتاي مەھسۇلاتلىرى تېزىملىكىگە يېڭى مەھسۇلاتلارنى قوشۇش ئۈچۈن قەدەملەرنى تاشلىدى.

شۇنداق قىلىپ، دونالد ترامپ ئامېرىكا سودا ۋەكىللىكىدىن خىتايغا 100 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە باج قويۇشنى تەلەپ قىلغان بولدى.

خىتاي سودا ئىشلىرى مىنسىتىرلىقى بولسا، ترامپنىڭ بۇ تاشلىغان قەدەملىرىگە جاۋابەن خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن مەيلى قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر، ئۇرۇش قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىقتىسادشۇناسلار، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇرەسسەلىلىشىشنىڭ ئورنىغا قوشۇمچە باش پىلانلىرىنى ئاشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغان بولسا، ھەر ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئوڭشىۋېلىش قېيىن بولىدىغان زىيانلارغا يول ئاچىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر