ئاقساراي سۈرىيە توغرىسىدا يېڭى بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۈرىيەدىن چېكىنش باياناتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاقساراي سۈرىيەدە دائېشقا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

945386
ئاقساراي سۈرىيە توغرىسىدا يېڭى بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى سارا ساندېرس سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا: «سۈرىيەدە دائېشنى يوقىتىش مەقسىتى تېز ئاخىرلىشىۋاتىدۇ، دائېش پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقىتىلدى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە ئېشىپ قالغان دائېشچىلارنى يوقىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، بىراق چېكىنىش ۋاقتى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى پىلانلىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە: «ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن كەلگۈسى پىلانلار توغرىسىدا داۋاملىق مەسلىھەتلىشىمىز» دېدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقساراينىڭ باياناتىدىن بۇرۇن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.

فىرانسىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتكەندەك، فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭمۇ خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، «ئىككى دۆلەتنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم دائىرەسىدە قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرى» تەكىتلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر