ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى باشلاندى

«سۈرىيە» تېمىلىق تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى.

944345
ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا چاقىرىلغان يىغىن  جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا داۋاملاشماقتا.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى پىلانلانغان ئورتاق باياننامە توغرۇلۇق خىزمەت ئىشلىگەن بولۇپ، باياننامىدە، سۈرىيەدىكى مەۋجۇت ئۇرۇش توختىتىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى قاتارلىق بۇنىڭدىن بۇرۇنقى باياننامىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى پىلانغا قويۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يىغىن دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە مەسىلىسىدە قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا قارىتا ئىشتىراكچى دۆلەتلەر سۇنىدىغان تەكلىپلەر، بۈگۈن تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۇنۇلغان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ناشتىلىق زىياپەتتەتە بۇ تەكلىپلەرگە قاراپ چىققان.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان باياننامىنىڭ، ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

«تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى» غا ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خىزمەت زىياپىتىدىن كېيىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن بىرلىكتە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

«سۈرىيە» تېمىلىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى بۇنىڭدىن بۇرۇن 22 – نويابىر كۈنى ئەردوغان، پۇتىن ۋە رۇھانىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، «سۈرىيە» تېمىلىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە رەھبەرلەر ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشكەن؛ ئالدى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، كېيىنچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن رۇھانى بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر