ئاقساراي ئۆتكۈزۈلگۈسى ترامپ - پۇتىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئۇچرىشىش ئورۇنلىرى ئارىسىدا ئاقساراينىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى.

943180
ئاقساراي ئۆتكۈزۈلگۈسى ترامپ - پۇتىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساندېرس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا «پىرېزىدېنت ترامپنىڭمۇ 20 – مارتتىكى پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن ئەسكەرتكىنىدەك، ئىككى رەھبەر بەك يىراق بولمىغان بىر كېلەچەكتە ئاقساراينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى جايلارنىڭ بىرىدە كۆرۈشۈشنى مۇزاكىرە قىلغانىدى. بۇ نۇقتىدا مەزكۇر باياناتقا ئىلاۋە قىلغۇدەك بىرەر يېڭىلىق يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقساراي بۇ باياناتى ئارقىلىق، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگۈسى ئۇچرىشىشىنىڭ ئاقسارايدا بولسىمۇ بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان بولدى.

كرېمىلدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپنىڭ 20 – مارتتىكى تېلېفون سۆھبىتىدە پۇتىننى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جەمئىي 60 رۇس دىپلوماتنى ئەنگلىيەدە بىر سابىق رۇس جاسۇسنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن زەھەرلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى.

ترامپ، 20 – مارتتىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، دۆلىتىدىكى سايلاملاردا غەلىبە قىلغان پۇتىننى تەبرىكلىگەن؛ ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ترامپنىڭ ئەڭ يېقىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي پۇتىننى تەبرىكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تارقاتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر