ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئامېرىكا رەت قىلدى

ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشى غەززەدە ئالدىنقى ھەپتە 18 پەلەستىن پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان زوراۋانلىق ۋەقەسى ھەققىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

943107
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى ئامېرىكا رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىپ، 18 پەلەستىن پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان زورۋانلىق ۋەقەسى ھەققىدە مۇستەقىللىق ۋە ئۇچۇق - ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ب د ت خەۋپىزلىك كېڭىشىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاپرېل ئېيى نۆۋەتچى رەئىسى پېرۇنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گۇستاۋو مېزا كۇدرا ب د ت خەۋپىزلىك كىڭىشىنىڭ بۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ب د ت مەركىزى ئىشخانىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.

گۇستاۋو مېزا كۇدرا پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەدىكى نارازىلىق يۈرىشىدە يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا ئالدىنقى جۈمە كۈنى چىددىي يىغىن چاقىرغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن 18 پەلەستىن پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەگە ئالاقىدار مۇستەقىل ۋە ئۇچۇق ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشى سەۋەبىدىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاقىرىقىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى. 

غەززەدە نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە يارىدار بولۇشىغا قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپى ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى كۇۋەيت تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىدى.

گۇستاۋو مېزا كۇدرا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 20ئاپرېلدىن 21 - ئاپرېلغىچە ئىراقتا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېڭەشنىڭ يەنە، ئاراكاندىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بىرما ۋە باڭلادېشتا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاراكانغا بېرىشقىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق بىرما زىيارىتىنىڭ ۋاقتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر