پاپانىڭ «دوزاخ يوقتۇر»دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىتالىيەدىكى لا رېپۇبلىكا گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېگېنيو سىكالفارى پاپانىڭ «دوزاخ يوقتۇر»دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

941593
پاپانىڭ «دوزاخ يوقتۇر»دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتولىكلەرنىڭ رۇھانى داھىيسى پاپا فىرانكىسكۇس (Franciscus)نىڭ «دوزاخ يوقتۇر»دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىتالىيەدىكى لا رېپۇبلىكا گېزىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېگېنيو سىكالفارى پاپانى زىيارەت قىلغاندا پاپانىڭ «دوزاخ يوقتۇر»دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھادىسىدىن كېيىن ۋاتىكانغا كۈچلۈك نارازىلىقلار كېلىشكە باشلىدى، بۇنىڭغا قارىتا ۋاتىكان بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ سۆزلەر پاپانىڭ ئېغىزىدىن چىققان كەلىملەرنىڭ ئۆز ئەينىسى ئەمەس،  مۇخبىر ئەپەندىم پاپانىڭ سۆزىنى باشقىچە ئىزاھلاپ قايتىدىن يېزىپ چىقىپتۇ.»

پاپانىڭ مۇخبىر ئېگېنيو سىكالفارنى ئايرىم كۆرۈشۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «مەزكۇر ماقالەدە ئۈزۈندە ئېلىنىپ تىرناق ئىچىگە قويۇلغان سۆز-ئىبارىلەر، پاپانىڭ  ئەسلى سۆزىدىن پۈتۈنلەي چەتنەشتۈرۈۋېتىلگەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر