ۋېنېزۇئېلادا بىر سولاقخانىدا ئۆلگەنلەر سانى 78 گە يەتتى
ۋېنېزۇئېلانىڭ كارابوبو ئۆلكىسىدىكى بىر سولاقخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 78 گە يەتتى.
941062
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارلامېنت ئەزاسى جۇئان مىگۇئېل ماتۇس پايتەخت كاراكاس شەھىرىدىن 160 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋالېنسىئا شەھىرىگە جايلاشقان سولاقخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 ى ئايال ، 78 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغالىقىنى ئېيتقان.
بۇ ھەقتە بېرىلگەن دەسلەپكى مەلۇماتلاردا، ئوت ئاپىتىدە 68 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇرۇش ئىگىلەش مەقسىتىدە سولاقخانىغا بارغانلار ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.