ئاشقۇن يەھۇدىيلار جۈمە كۈنى مەسجىدى ئەقسانى بېكارلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا

ئاشقۇن يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىسىغا، «جۈمە كۈنى ئەقسادىكى مۇسۇلمانلار قوغلاپ چىقىرىلىشى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك» دېگەن ۋاراقچىلارنى چاپلىدى.

939992
ئاشقۇن يەھۇدىيلار جۈمە كۈنى مەسجىدى ئەقسانى بېكارلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇددۇس ئىسلام ئالىي ھەيئىتى باشلىقى ۋە مەسجىدى ئەقسانىڭ خاتىبى شەيىخ ئىكرەمە سابرى، ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ «خىمىرسىز بايرام» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن مەسجىدى ئەقسانى بېكارلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقانلىقىنى، شۇڭلاشقا بۇ ھەپتە مەسجىدى ئەقسادا كەڭ كۆلەملىك جۈمە نامىزى ئوقۇلۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى. 

شەيىخ ئىكرەمە سابرى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئاشقۇن يەھۇدىلارنىڭ تۈنۈگۈن مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىدىن بىرىگە «جۈمە كۈنى ئەقسادىكى مۇسۇلمانلار قوغلاپ چىقىرىلىشى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك» دېگەن چاقىرىق خاراكتېرلىك ۋاراقچىلارنىڭ چاپلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنڭىغا قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن مەسجىدى ئەقسانىڭ خاتىبى شەيىخ ئىكرەمە سابرى: «قۇددۇسقا يېتىپ كېلىش ئىمكانىيىتى بولغان بارلق پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى يەھۇدى بايرىمىنى باھەنە قىلىپ يولغا قويغان چەكلىمىلەرگە پىسەنت قىلماستىن، ھەممەيلەننى مەسجىدى ئەقساغا كېلىپ، جۈمە نامىزىنى مۇشۇ يەردە ئوقۇشقا ئالاھىدە چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

شەيىخ ئىكرەمە سابرى يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ جۈمە كۈنلىرىنىلا ئەمەس، ھەپتىنىڭ باشقا بارلىق كۈنلىرىنىمۇ مەسجىدى ئەقسانى قوغداش ۋە ياشنىتىش ئۈچۈن مۇھىم پىرسەت دەپ بىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر