ئاقساراي، كىم جوڭ ئۇننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا «ئىجابىي ئۆزگىرىش» دەپ باھا بەردى.

940134
ئاقساراي، كىم جوڭ ئۇننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇنغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ، شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭ ئۇننىڭ ئۇچرىشىشى خاتىرىلىتىلگەندىن كېيىن سۆز قىلىپ، «(بۇ ئىشقا) ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىجابىي قاراۋاتىمىز، لېكىن (شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭ ئۇن ئوتتۇرىسىدىكى) ئۇچرىشىش، شىمالىي كورېيەگە ئىشلىتىلگەن كۈچلۈك بېسىمنىڭ كارغا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ياخشى بىر كۆرسەتكۈچ. ئۇنى (كىم جوڭ ئۇننى) شىمالىي كورېيەنىڭ رەھبىرى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم دۆلىتىنىڭ سىرتىدا كۆردۈڭلار. (ترامپ بىلەن كىم جوڭ ئۇن ئارىسىدىكى) ئۇچرىشىشى پىلانلانماقتا، بۇ مۇساپىنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ساراھ ساندېرس، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭ ئۇننىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بولسا، «بۇ دۇنياۋى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش، بۇنىڭ ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە تېز ۋە توغرا شەكىلدە قىلىنغانلىقىدىن ئەمىن بولۇشنى خالايمىز. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، شىمالىي كورېيەلىكلەر بۇ تەكلىپنى سۇندى، بىز قوبۇل قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر