ئىراق باش مىنىستىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سىنجاردىن چېكىندى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ سىنجار ناھىيەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

939007
ئىراق باش مىنىستىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك سىنجاردىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىبادى پايتەخت باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ  مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ سىنجار ناھىيەسىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ناھىيەدە  ئامانلىقنى ساقلاتقانلىقىنى، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سۈرىيە چېگراسىغىچە زاپاس قىسىملارنى ئەۋەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سىنجاردا ئىراق بايرىقىنىڭ سىرتىدا ھېچقانداق بىر چەت ئەل دۆلىتىنىڭ بايرىقىنىڭ قادىلىشىغا، ئىراق كۈچلىرى سىرتىدا ھېچكىمنىڭ قورال - ياراغ ئېلىپ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمايمىز، ھېچكىمنىڭ تېرروتېرىيەمىزنى ئىشلىتىپ قوشنا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشىغا ئاساسىي قانۇنىمىزغا ئاساسەن قەتئىي يول قويمايمىز.»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشى توغرىلىقمۇ توختالغان ئىبادى، «تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە باش مىنىستىرى  يىلدىرىم ئەنقەرەنىڭ ئىراقنىڭ چېگرا ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى» دېدى.

ئىبادى ئىراقتىكى چەت ئەل كۈچلىرىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «قۇرۇقلۇقتا ھېچقانداق چەت ئەل كۈچى يوق. ئىراقتىكى چەت ئەل ھەربىي بازىلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنماقتا. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنى تەربىيەلەش ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى خىزمىتى ئۈچۈن بىزنىڭ داۋاملىق چەت ئەل كۈچلىرىگە ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر