ئامېرىكا: پ ك ك نىڭ سىنجاردىن چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ سىنجار رايونىدىكى مەۋجۇدىيىتىنىڭ تۈركىيەگە خەۋپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «پ ك ك نىڭ سىنجار رايونىدىن چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز» دېدى.

939195
ئامېرىكا: پ ك ك نىڭ سىنجاردىن چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېيمس ماتتىس ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگوننىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلىپ مەتبۇئاتقا بايانات بەردى. ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن  ئىلگىرى ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان سىنجار رايونىدىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇدىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «پ ك ك نىڭ شىمالىي ئىراق چېگراسىنىڭ ئۇ تەرىپىگىلا جايلاشقان سىنجاردا تۈركىيەگە قارىتا تەھدىتى بار. سىلەرمۇ بىلىسىلەر، پ ك ك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارىلىدۇ. (ئۇلار) نۇرغۇن بىگۇناھ تۈركنى ئۆلتۈردى ۋە (بىز) پ ك ك نىڭ سىنجار رايونىدىن چېكىنگەنلىكىنى كۆرۈشنى خالايمىز» دېدى.

جېيمس ماتتىس، تۈركىيەنىڭ پ ك ك ئۇنسۇرلىرىغا قارشى سىنجار رايونىدا ئېلىپ بارغۇسى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللاپ – قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالنى كېلەچەكتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ جاۋابسىز قالدۇردى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ماتتىس، مۇنبىچكە قارىتا ھەرقانداق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرمىگەنلىكلىرىنى، بۇ رايون توغرىسىدىكى تۈركىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ  ھېچقانداق توسالغۇسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا، «بۇنى ھەل قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قىيىن پەيتلىرىمىز بولغانىدى» دېدى.

ئۇ، «تۈركىيەنىڭ مۇنبىچقا ئالاقىدار نىيىتى ئېنىق. تۈركلەر مۇنبىچكە كىرىپ، (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۇ يەردىكى گۇماشتىسى) ي پ گ ئۇنسۇرلىرىنى ناھىيەدىن چىقىرىشنى خالايدۇ.  بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قانداق تەكلىپى بار؟ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قايسى تەكلىپ بىلەن ئۇ رايوندا تۇرۇۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا «تۈركىيە بىر ناتو شېرىكىدۇر، بىز بىر – بىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇردۇق. سۈرىيەدە بولۇپمۇ بەزى مەسىلىلەردە ئېغىر كېلىشەلمەسلىكلىرىمىز بولدى. لېكىن، بۇلار ئۇچرىشىشلىرىمىزنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە قۇيۇقلىقىغا تەسىر كۆرسەتمىدى. بۇنىڭدىنمۇ ھالقىيمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ دەپ ئۆتكىنىمدەك، (مەن) بۇ ھەقتە تاراتقۇلار ئارقىلىق سۆزلىشىشتىنمۇ بەكرەك (تۈرك ئەمەلدارلار بىلەن) يۈزتۇرانە ۋە قارىمۇقارشى ئولتۇرۇش سۆزلىشىشنى تاللايمەن. بۇ تۈركلەر ئۈچۈن ناھايىتى سەزگۈر مەسىلە. پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆلگەن نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلىرى بار. بىزنىڭ ئۇ يەردە (سۈرىيەدە) قىلىۋاتقىنىمىز، دائېشنى يوقىتىشتۇر. قالايمىقان ئۇرۇش ساھەسىدە بارلىق توقۇنۇشۇۋاتقان ئېقىملارنى ھېسابقا ئېلىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر