ترامپ: كىم جوڭئۇن بىلەن ئۇچرىشىشنى مەنمۇ تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دونالد تراپقا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

939512
ترامپ: كىم جوڭئۇن بىلەن ئۇچرىشىشنى مەنمۇ تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن كەچتە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەلۇمات بېرىپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يەتكۈزگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نۇرغۇن ھۆكۈمەت دەۋرىدە خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە ھەممەيلەننىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرولۇق قوراللاردىن تازىلاشنى ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلىشنى «ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بىر ئىش» دەپمۇ قارىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مانا ئەمدىلىكتە كىم جوڭئۇننىڭ ۋە خەلقىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىشى چوڭ ئېھتىمالغا ئايلاندى. ئۇچرىشىشنى مەنمۇ تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ترامپ «شۇنداقتىمۇ بۇ مەزگىلدە مەيلى قانچىلىك بەدەل تالەشتىن قەتئىي نەزەر، شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگو ۋە بېسىملار داۋاملىشىشى لازىم» دېگەنلەرنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

شىخۇا ئاگېنتلىقى شىمالىي كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسى كومىتېتى باشلىقى ۋە دۆلەت كېڭىشى رەئىسى كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي كومۇنېستىك پارتىيەسى باش كاتىپى ۋە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 25مارتتىن 28مارتقىچە خىتايدا غەيرى رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كىم چوڭ ئۇننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ئايرىم ئايرىم ئۆتكۈوزمەكچى بولغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئاپرېلدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىن بىلەن ھەمدە ماي ئېيىغىچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۇچرىشىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر