قوشنا دۆلەتلەر كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئىجابىي ئىنكاسلار قايتۇردى

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە ئىجابىي ئىنكارسلارنى قايتۇردى.

939435
قوشنا دۆلەتلەر كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئىجابىي ئىنكاسلار قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە رەھبەرلىرى كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇردى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى شىمالىي كورېيە بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇشتۇمتۇت ئەمەلگە ئاشقان زىيارەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پىيوڭياڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەر قانداق ئۇچرىشىشنىڭ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ياپونىيەنىڭ خىتايدىن بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن:

«ھازىر ھەممىدىن بەكرەك شىمالىي كورېيەنىڭ كۆرۈشۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىدەك بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىمىز. مۇھىم بولغىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ پۈتۈنلەي ۋە قايتا بولمايدىغان شەكىلدە يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىدىن ۋاز كېچىشىدۇر.»

ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ۋە ئىچكى كابېنتنىڭ باش سېكرېتارى يوشىھىدە سۇگا كونكرېت قەدەملەر بېسىلغىچە شىمالىي كورېيەگە قارىتا يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈشىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «ھۆكۈمەت ئىككى كورېيە ۋە شىمالىي كورېيە-ئامېرىكا ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن، كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قورالىدىن تازىلىنىشىغا ۋە تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېيىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، 25-28-مارت كۈنلىرى ئارىسىدا خىتايدا رەسمىي بولمىغان بىر زىيارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ئۆزگىرىشلەر، شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر