موسكۋا شى جىنپىڭ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

رۇسىيە، شىمالىي كورېيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا مۇھىم بىر قەدەم، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

939405
موسكۋا شى جىنپىڭ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، موسكۋانىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىغا كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، موسكۋانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ۋە رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دىيالوگ ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى (كرېمىل) باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كىم جوڭ ئۇننىڭ ھازىرچە پىلانلانغان بىر ئۇچرىشىشى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

كىم جوڭئۇن 25 – مارتتىن 28 – مارتقىچە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر